باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

2016.05.09 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا «ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۇتبول ئوقۇتۇشىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ (ئوتتۇرا كەسپىي) مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسلىكىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق مەزمۇنى قىلىپ، بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى بەلگىلىدى.

  جىنەن شەھىرى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا ئالاھىدە پۇتبول مەكتەپلىرى ھەر مەۋسۇمدا 15 سائەتتىن ئاز بولمىغان پۇتبول مەخسۇس تۈر دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ باشقا مەكتەپلەر 10 سائەتتىن ئاز بولمىغان تاللاپ ئوقۇش دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ بارلىق مەكتەپلەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىدە مەخسۇسلاشقان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، مەكتەپلەر ئاز دېگەندە ئىككىدىن كۆپ پۇتبول تەقلىدىي ئوقۇتۇشىنى تەسىس قىلىدۇ، ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتەپلىرى ۋە تور نۇقتىسى مەكتەپلىرى دەرس ۋاقتى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر