- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە تور چەكلىك شىركىتى دۆلتىمىزدىكى 4-ئاساسىي تېلېگراف كەسپى يۈرۈشتۈرگۈچىسى بولۇپ قالدى
2016.05.06 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 5-ماي جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە تور چەكلىك شىركىتىگە «ئاساسىي تېلېگراف كەسپى تىجارەت تەستىقنامىسى» تارقىتىپ، بۇ شىركەتنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدە ئېنتىرنېت تورى دۆلەت ئىچى سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، دۆلەت ئىچى ئالاقە ئەسلىھەلىرى مۇلازىمەت كەسپى تىجارىتى قىلىشنى تەستىقلىدى. بۇ، جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە تور چەكلىك شىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تۆتىنچى ئاساسىي تېلېگراف كەسپى يۈرۈشتۈرگۈچىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۇنغان ئىلتىماسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۇ شىركەتنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ۋە جۇڭگو تېلېگرافىدىن كېيىن يېڭى كۆپەيتىلگەن، كەڭ بەلباغ قاتارلىق مۇقىم خەۋەرلىشىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بازار تىجارەت گەۋدىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ». بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى زېڭ جيەنچيۇ، ئىلتىماستا تىلغا ئېلىنغان «ئالاقە تورى دۆلەت ئىچى سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش كەسپى» ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دەل مۇقىم كەڭ بەلباغ. ھازىرغىچە جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيەسى مۇقىم تور كەڭ بەلباغ يۈرۈشتۈرۈشىنى باشلىدى، بىراق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ نومۇرىنى ئالمىغاچقا ئورۇنلۇق، ئەمما قانۇنسىز ھالەتتە ئىدى، بۇ قېتىملىق نومۇر تارقىتىش ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتىنى قانۇنلۇقلاشتۇردى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر