باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە مېترو، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسى مەزگىللىك تەڭشىلىدۇ، قاتناش قىستاڭچىلىقى بويىچە ھەق ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەتقىق قىلىنىدۇ

2016.05.06 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدە «باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ئېلان قىلىندى، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشگە پايدىلىق باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى ھۆكۈمەت باھا بېكىتىپ باشقۇرۇشنى ئىجرا قىلىدىغان شەھەردىكى ئاممىۋى قاتناش ۋە رېلىسلىق قاتناشلارغا قارىتا مەزگىللىك باھا تەڭشەيدۇ ھەم قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھەق ئېلىش سىياسىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .

  قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشىگە پايدىلىق باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، پىكىردە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشنى چۆرىدەپ، يولنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھات قىلىنىپ ۋە ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يولنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى تەڭشىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاممىۋى قاتناش باھاسىنى جانلىق تەڭشەش چارىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت مەزگىللىك باھا بېكىتىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل ۋە رېلىسلىق قاتناشنىڭ باھاسى تەڭشىلىدۇ. « بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى پىلان»ى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھەق ئېلىش سىياسىتى تەتقىق قىلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ پىكىردە بەلگىلەنگەن ئاساسىي نىشانغا ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، بېيجىڭ شەھىرىدە رىقابەتلىك ﺳﺎﮬﻪ ۋە ﮬﺎلقىلىق باھانىڭ ھەممىسى قويۇۋېتىلىپ، بازارنىڭ باھا بەلگىلەش مېخانىزمى ئاساسەن مۇكەممەللىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر