باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز: دىن مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى قالايمىغان تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك، دېدى

2016.05.06 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 5-ماي ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، دىن مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ئويلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنى قالايمىقان تەنقىدلىمەسلىكىنى بىلدۈردى.

  يىغىندا بىر مۇخبىر: «يېقىندا، ئامېرىكا خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى كومىتېتى 2016-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى داۋاملىق <ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت> قاتارىغا تىزدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاستا بولىدۇ؟» دەپ سورىدى.

  خوڭ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار. ئامېرىكا تەرەپ بۇ ئەمەلىيەتنى كۆرمەس بولۇۋېلىپ، ھەر يىلى بۇ خىلدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى ۋە ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ ۋە ھۇجۇم قىلماقتا. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى.

  خوڭ لېي: «بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىغا ئوبيېكتىپ قارىشىنى، دىن مەسىلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ئويلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنى قالايمىقان تەنقىد قىلماسلىقى كېرەك»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر