- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
2016.05.06 14:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپ»دا، بۇ يىللىق دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر رەت تەرتىپى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى بەش ئالىي مەكتەپ 100 كۈچلۈكلەر تىزىملىكى قاتارىغا كىردى.
جۇڭگونىڭ بۇ بەش ئالىي مەكتەپلىرى ئايرىم-ئايرىم چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئايرىم-ئايرىم 18- ۋە 21- ئورۇندا تۇرۇپ، تۇنجى قېتىم 20 نىڭ ئالدى ۋە كەينى قاتارىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ داڭلىق تىزىملىك ئورنى تۆۋەنلىدى.«تايمىس گېزىتى ئالىي مائارىپ»نىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا مەسئۇل مۇھەررىرى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ساھەسىگە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ ئىسلاھاتى قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. بۇ، جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى رىقابەت كۈچىنىڭ كۈندىن كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر