- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۆلۈم-ئىشخانىلىرىنى ئىجارىگە بېرىشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىجارىگە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ
2016.05.06 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5-ماي دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۆلۈم-ئىشخانىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ داۋالاش قىلمىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە زەربە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوختۇرخانا مەمۇرىيىتى، دوختۇرخانا باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىملار ۋە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك، بۆلۈم-ئىشخانىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىجارىگە بېرىش ۋە ساختا داۋالاش ئېلانى بېرىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلەش؛ داۋالاش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا قوللىنىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 3-تۈردىكى داۋالاش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا قوللىنىش ئىجازىتىنى تەستىقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» دېگەن ھۆججەتنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر