باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ

2016.05.06 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 5-ئاپرېل «13-بەش يىل» مەزگىلىدە مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىغا يېڭىدىن سەپلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ٪50تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى يېشىل سىرتقا چىقىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتاللارنىڭ زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلىدىكەن ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ يېتەكلەش ئۈچۈن، يىغىن نەق مەيدانىدا يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئالدىغا ۋاقىتقا قاراپ ئىجارىگە بېرىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانى كۆرسىتىلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر