باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى دورا ئوبوروتىدىكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلمىشلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەيدۇ

2016.05.05 18:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دورا ئوبوروت تەرتىپىنى يەنىمۇ تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 3-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دورا ئوبوروتى ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلمىشلىرىغا قارىتا مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بارلىق دورا توپ تارقىتىش كارخانىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز كارخانىسىدا نامىنى ئىشلىتىپ تۇرۇش، دورا تىجارەت سالاھىيىتى يوق بولۇش، دورا سېتىۋېلىش مەنبەسىنى ساختا ياساش، دورا سېتىش يولىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، دورىنى سېتىۋېلىش- سېتىش، ساقلاش ھەقىقىي خاتىرىسىنى يوشۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەر بار-يوقلۇقىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش چارىلىرى ۋە پىلانى تۈزۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش دوكلاتىنى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يوللىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر