- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەت بويىچە ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتى كۇرسى بېيجىڭدا ئېچىلدى
2016.05.05 18:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتى كۇرسىنى ئېچىپ، نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى كۇرسقا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى 5 يىل بولۇشتەك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2016-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارقا-ئارقىدىن نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ. مەملىكەت بويىچە 900 مىليوندىن كۆپرەك سايلىغۇچى ئامما بۇ قېتىملىق ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا قاتنىشىپ، 2 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىدۇ ھەم بۇ ئاساستا قانۇن بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. سايلام خىزمىتى مەملىكەت بويىچە 2850تىن كۆپرەك ناھىيە (شەھەر، رايون)، 32000 دىن كۆپرەك يېزا-بازارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەملىكىتىمىز خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ بىر ئىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر