باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ

داۋالاش ئورگانلىرى ئۆزى خالىغانچە چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش- ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

2016.05.05 18:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى كىچىك كېسەلنى كۆرسىتىشكە بارغاندا، «يۇقىرى تېخنىكىلىق» تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىپ، داۋالاش چىقىمى نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭ نەچچە يۈەندىن ئېشىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار تۈگىتىلىشتىن ئۈمىد بار.

  گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى 4-ماي ئېلان قىلغان «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى» (قاراپ چىقىش لايىھەسى)دە، داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆزى خالىغانچە چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش- ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى، «دورا بىلەن دوختۇرخانىنى بېقىش»تىن «ئۈسكۈنە بىلەن دوختۇرخانىنى قامداش»قا ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  قاراپ چىقىشقا يوللانغان لايىھەنى تۈزۈش چۈشەندۈرۈلمىسىدە، دۆلىتىمىزدە دورىغا باھا قوشماي سېتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مۇۋاپىق تولدۇرۇش مېخانىزمى تېخى يولغا قويۇلمىغانلىقتىن، داۋالاش ئورگانلىرى كىرىمىنى بەكرەك ئۈسكۈنىلەردە تەكشۈرۈپ داۋالاشقا قارىتىدىغان ئېھتىياجنى قوزغىتىش خاھىشى بار. يەنە بىر تەرەپتىن، داۋالاش ئورگانلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا كارىۋات كۆلىمى ۋە چوڭ تىپتىكى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى كېڭەيتىش قىزغىنلىقى بار. ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغاندا، داۋالاش بايلىقىنىڭ جايلىشىشى ئىلمىي بولماسلىق، قۇرۇلمىسى نامۇۋاپىق بولۇش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان لايىھەدە، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە قارىتا تۈر بويىچە دەرىجىگە بۆلۈپ سەپلەشكە رۇخسەت قىلىشنى يولغا قويۇش بەلگىلەندى. چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەشتە سەپلەش پىلانىغا ماس كېلىشى لازىم. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماس كېلىدىغان تېخنىكا شارائىتى، ئىشلىتىش ئىقتىدارى، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە مۇناسىپ سالاھىيەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان مەخسۇس تېخنىك خادىملار بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر