باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىندا «ۋاقىتلىق ئىشچى»لارغا قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسى بېرىش چەكلەندى

2016.05.05 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىسىدە يېقىندا «جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن ئىجرا قىلغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىنىشكىلىرىنى كۆرسىتىپ، سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. كىنىشكىسىنى كۆرسەتمىگەنلەرگە قارىتا مەمۇرىي ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىنىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار. توختاملىق ئىشچى، ۋاقىتلىق ئىشچىلارغا ۋە ئاممىۋىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىغا قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىشى ۋە تارقىتىش چەكلىنىدۇ.

  بەلگىلىمىدە، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىلىرىدە كىنىشكىدىكى خادىمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سۈرىتى، خىزمەت ئورنى، كىنىشكە رەت نومۇرى، تامغا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا تۈرى، رايونى، كىنىشكىنىڭ ئۈنۈملۈك قەرەلى، يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسى ۋە ئىشلەتكەندە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار ھەم كىنىشكىلىك خادىمنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىككىلىك كودى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك. ئۆلكە بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ، بۇ سىستېمىدا تەكشۈرۈش ياكى يانفوندا كىنىشكىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر