- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالاھىدە سىياسەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىناكارلىق ۋە يەر-مۈلۈك ساھەسىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش يۈكىنى يەڭگىللەتتى
2016.05.05 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش 10 مىليوندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش. لېكىن بۇنىڭدا ئەڭ قىيىن بولغىنى يەنىلا بىناكارلىق ۋە ئۆي-مۈلۈك ساھەسى. بۇ ئىككى ساھە بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلاردىكى مەسىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش-قىلالماسلىق باج تۈزۈمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىناكارلىق ساھەسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ ئەسلىدىكى ٪3 ۋە ٪5لىك تىجارەت بېجى نىسبىتى، ٪11لىك قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگىرىدۇ. باج نىسبىتىدىكى بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ كارخانىلارنىڭ باج سېلىقىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
دۆلەت باج باش ئىدارىسى مال ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ساھەنىڭ ھەجىم كۆلىمى چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، باج ئېلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ. بۇ قېتىمقى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىككى ساھەدىكى 2 مىليونغا يېقىن باج تاپشۇرغۇچىغا چېتىلىدۇ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى. 2015-يىلى، ئىككى چوڭ ساھەنىڭ تىجارەت بېجى 1 تىرىليون 120 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بارلىق تىجارەت بېجىنىڭ ٪60ىنى ئىگىلىدى، خەلق ئىگىلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشتە چوقۇم ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارار چىقىرىش كېرەك.
تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى بىر يارقىن نۇقتا بولسا كۆچمەس مۈلۈكنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشتۇر. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆچمەس مۈلۈك ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى پۈتۈن ساھە توغرىلاپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ، بۇمۇ باج كېمەيتىش سالمىقى ئەڭ زور بولغان بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. بىناكارلىق، ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ٪11 باج نىسبىتىنى ئىجرا قىلىدۇ، بارلىق كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، زاۋۇت بىناسى، خىزمەت بىناسى، تىجارەت دۇكان بىناسىنى سېتىۋالغان ياكى ئىجارە ئالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنى توغرىلاپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. مەسىلەن، كارخانا 100 مىليون يۈەن كۆچمەس مۈلۈك سېتىۋالسا، 11 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى باجغا ھېسابلىنىدۇ، باجنى كېمەيتىش سالمىقى ئىنتايىن زور.
بىناكارلىق ساھەسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك ساھەسى يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بىناكارلىق ساھەسىنىڭ سېتىش تۈرلىرىنىڭ باج تالونى، ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ باج تالونى بولۇپ، توغرىلاپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. بىناكارلىق ساھەسى ٪6 باج نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلسا، ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ باجغا ھېسابلايدىغان سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ بېجى ئازلاپ، تەننەرخى يۇقىرىلايدۇ؛ ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ٪6 باج نىسبىتىنى ئىجرا قىلسا، ئۇنداقتا باشقا كارخانىلارنىڭ باجغا ھېسابلايدىغان كۆچمەس مۈلكى ئازلاپ، بارلىق ساھەلەرنىڭ باجنى كېمەيتىش سالمىقى كېمىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىناكارلىق، ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ خام ماتېرىيال قاتارلىق سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ باج نىسبىتى ٪17 بولۇپ، سېتىش تۈرلىرىنىڭ باج نىسبىتىنى بەك تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر