- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
20-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى» نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
2016.05.04 16:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر تىپىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەشۋىق قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشلارنى ئىدىيە ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا، دۆلەت ئېلېكتر تورى شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش شىركىتى توك چىقىرىشنى تەكشۈرۈش مەركىزى زەرەتلەش بەنىدىكى ۋاڭ جىن قاتارلىق 27 ئىشچى 20-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى» غا ئېرىشتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىچېڭ شۆبە ئىدارىسى فۇيوۋ كوچا ساقچىخانىسى ياش زەربىدارلار ئەترىتى قاتارلىق بەش ياشلار كوللېكتىپى «جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالىغا ئېرىشكەن كوللېكتىپ» نامىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى» نى باھالاشتا، «ئىلغارلارنى تەقدىرلەشتە ئامما بىلەن بىللە باھالاش» تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، باھالاش كومىتېتى باھالىغۇچىلار ئامبىرىدىن تاللاپ چىقىلغان باھالىغۇچىلار، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى ياشلار ۋەكىللىرى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرىدىن بولۇپ 82 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ج ك پ مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتى ھۆكۈمەت ئۈندىدارى ئارقىلىق توردىن بېلەت تاشلانغان. باھالاش يىغىنىدا تاشلانغان بېلەت سانى يېرىمدىن ئاشقان نامزات ئىچىدىن، باھالاش يىغىنىدا تاشلانغان بېلەت ۋە توردا تاشلانغان بېلەت ئەھۋالى ئۇنىۋېرسال نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئاخىرىدا تەقدىرلىنىدىغان شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار باھالاندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر