باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاككېرلار ئىممۇنىتېت پىلان سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ ئۇچۇر ئوغرىلىدى

جىنەن ساقچىلىرى بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش دىلوسىنى پاش قىلدى

2016.05.04 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، توردا «جىنەندە 200 مىڭ بالىنىڭ ئۇچۇرى سېتىۋېتىلدى» دېگەن ئۇچۇر كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. 3-ماي جىنەن شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، جىنەن ساقچى تەرەپنىڭ 20 نەچچە كۈنلۈك رازۋېدكا قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ قېتىملىق بالىلارنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىش دىلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. ھازىرغىچە، ئىممۇنىتېت پىلانى سىستېمىسى تورىغا سوقۇنۇپ كىرگەن خاككېر ۋە ئۇچۇرلارنى ساتقان تۆت جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى.

  4-ئاينىڭ 6-كۈنى، «چىلۇ يىديەن» تورىدا «جىنەندە 200 مىڭ بالىنىڭ ئۇچۇرى سېتىۋېتىلدى! ھەر بىر تال ئۇچۇرنىڭ باھاسى ئىككى مو» تېمىسىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. جىنەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تېزلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەۋزەل ساقچى كۈچلىرىنى تەشكىللەپ مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سىچۇەن، گۇاڭدوڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ دىلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسى ئالدى بىلەن «چىلۇ يىديەن» تور بېكىتىدە توردىكى نامى «يېشىل دەريا بويىدىكى ئوت» بولغان جىنايەت گۇماندارىنى ئىز قوغلاپ رازۋېدكا قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى يې X نىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈردى. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، چېڭدۇ ساقچى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن يې X قولغا چۈشتى. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ توردا «ئۈچىنچى كۆز كارخانا ھېسابلاش ماشىنىسى باشقۇرۇش سىستېمىسى» يۇمتالىنى سېتىۋېلىپ، بۇ يۇمتال ئارقىلىق قارشى تەرەپ كومپيوتېرىدا ساقلانغان شەخسلەش ئۇچۇرىنى ئوغرىلاپ، قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جىنەن ج خ ئورگانلىرى دىلونى پاش قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بۇ تۈردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بەرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر