باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش مەملىكەت بويىچە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تىزگىنلەندى

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 2700ى، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 300ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.05.04 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە قانۇنغا خىلاپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايى قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، 30-ئاپرېل مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كېلىش ھەرىكەت كۈنىدە، مەملىكەتلىك ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىم ساقچى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدىن 20 مىڭنى تەسىس قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 2700نى، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 300نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارغا «قىلچە يول قويماسلىق»تەك تۈزەشنى يولغا قويۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق يول ۋە نۇقتىلىق ئاپتوموبىلغا بولغان قانۇن ئىجارە قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قانۇنىغا خىلاپ قانۇنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى تۈزەشنى كېچىدىن كۈندۈزگە ئۇزارتىپ، چۈشتىن باشلاپ مېھمانخانا، يېمەك-ئىچمەك سورۇنى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قاتارلىق رايونلار ئەتراپىدىكى يوللاردا تەكشۈرۈش نۇقتىسى ۋە ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، مىنىبۇس، موتوسىكلىتلارنى نۇقتا قىلىپ نۇقتىلىق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى تۈزەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈن بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ باشقۇردى. بېيجىڭ، خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىنى تەكشۈرۈش «چۈشلۈك ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرگە تۇيۇقسىز زەربە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر