باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەندىكى ئۆلكىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچىسى نامىدا ئالدامچىلىق قىلىش دىلوسى پاش قىلىندى

2016.05.03 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن يېقىندا ئىگىلىنىشىچە، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەكشۈرۈش 8-گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىپ بىجىرىشى بىلەن، يوڭجۇ شەھىرى جياڭخۇا ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئۆلكىلىك پارتكوم تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خادىمى نامىدا ئالدامچىلىق قىلىش دىلوسى پاش قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بىر ئەر يانفوندا جياڭخۇا ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى نۇرغۇن كادىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆلكىلىك پارتكوم تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ناھىيەدىكى خىزمەتچىلەرنى ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن جياڭخۇا ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى ئىشخانىسىغا بېرىشنى ئېيتقان. ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ ئەر يەنە «رەھبەرلەر يۇقىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتا ھېسسىياتى مەبلەغكە مۇھتاج» دېگەننى باھانە قىلىپ، تېلېفوندا خىزمەتچى خادىملاردىن مەلۇم ھېساباتقا پۇل يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  جياڭخۇادىكى قىسمەن كادىرلار گۇمانلىق تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇچۇرنى خۇنەن ئۆلكىلىك تەكشۈرۈش 8-گۇرۇپپىسىنىڭ جياڭخۇا ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان. يەرلىكلەر دەرھال مەخسۇس دىلو گۇرۇپپپىسى قۇرغان، ساقچىلار يانفون كارتىسى بېجىرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئورنىنى بېكىتكەن. مەخسۇس دىلو گۇرۇپپىسىنىڭ ساقچىلىرى كېچىلەپ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، نەقمەيداندا دىلوغا چېتىشلىق ئۈچ يانفون، رەھبىرىي كادىرلار ئالاقە خاتىرىسىدىن ئۈچنى، بانكا كارتىسىدىن ئالتىنى، باشقىلارنىڭ كىملىكىدىن ئىككىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  نۆۋەتتە، بۇ دىلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر