باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاماكا ئىسى بىلەن ئىسلىنىش بالىلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكىنىڭ باش سەۋەبچىسى

2016.05.03 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇ نەپەس يوللىرى كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا «بالىلار نەپەس يولى ساغلاملىقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاق تاشلىق كىتاب»ى ئېلان قىلىندى، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەنىلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئۆي ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئىچىدە تاماكا ئىسى ئەڭ ئاساسلىق قاتىل بولغان.

  ئاق تاشلىق كىتابتىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆل ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى % 51.87نى ئىگىلىگەن. نەپەس يولى بولسا سىرت بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدىغان سىستېما بولۇپ، بالىلارنىڭ نەپەس يولى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئۆي ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80تىن ئاشىدۇ، ئۆي ئىچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى بولسا بالىلارنىڭ نەپەس يولى ساغلاملىقىغا تېخىمۇ روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر