باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدا، تولۇق كۇرس مالىيە باشقۇرۇش ۋە كومپيۇتېر كەسىپلىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان

2016.05.03 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015- قارارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگىلى يېرىم يىل بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە 2012-قارارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگىلى ئۈچ يىل بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ باھالاشتىن بايقىلىشىچە، 2015- قارارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگىلى يېرىم يىل بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2015- قارارلىق ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان كەسىپ مالىيە باشقۇرۇش ۋە كومپيۇتېر بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم % 95.3 ۋە %94.5 ئىكەن. قانۇنشۇناسلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، %87.9 ئىكەن. كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان كەسىپلىرى بولسا بازار ماركېتىڭى بىلەن ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ۋە رېمونتچىلىق تېخنىكىسى كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم %93.1 ۋە %92.0 ئىكەن. بىناكارلىق-قۇرۇلۇش تېخنىكىسى كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، %88.8 ئىكەن.

  2015- قارارلىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىنكى رازى بولۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان كەسىپلىرى كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى بولغان، 2012 -قارارلىق ئوقۇش پۈتكۈزگىلى ئۈچ يىل بولغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا رازى بولۇش دەرىجىسى ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئانالىز قىلىنىشىچە، مەيلى ئوقۇش پۈتكۈزگىلى يېرىم يىل بولسۇن ياكى ئۈچ يىل بولسۇن، خەنزۇ تىلى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا رازى بولۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، ماشىنا لايىھەلەش ۋە ياساش كەسپى بىلەن ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا رازى بولۇش دەرىجىسى داۋاملىق تۆۋەن ھالەتتە تۇرغان. كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرى ئىچىدە، بازار ماركېتىڭى بىلەن پەرۋىش كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ قالغان. 2015-قارارلىق كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگىلى يېرىم يىل بولغاندىن كېيىنكى ۋە 2012-قارارلىق كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگىلى ئۈچ يىل بولغاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى سانلىق مەلۇماتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئانالىز قىلىنىشىچە، بازار ماركېتىڭى بىلەن پەرۋىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا رازى بولۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، بىناكارلىق- قۇرۇلۇش تېخنىكىسى كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا رازى بولۇش دەرىجىسى ئىزچىل بىر قەدەر تۆۋەن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر