- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى
2016.05.03 13:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش 2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 30-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم باجنى كېمەيتىش تەدبىرى بولۇپ، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. جايلار، تارماقلار تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى گوۋۇيۈەن بەرگەن مەسئۇلىيەت بويىچە، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ باش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ خىزمەت بىلەن ماس ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىر-لايىھەلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر