- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەيدۇغا ئورۇنلاشتى
2016.05.03 13:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جياڭ جۈن 2-ماي سۆز قىلىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن «ۋېي زېشى» ۋەقەسى تورداشلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى كۆرسەتتى. تورداشلارنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسلىنىپ، دۆلەت ئېنتىرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بەيدۇ شىركىتىگە ئورۇنلىشىپ، بۇ ۋەقەگە ۋە ئېنتىرنېت تورى كارخانىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش ئىشلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى.
دۆلەت ئېنتىرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تور ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە ئىجرا-نازارەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فەن لى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدى، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان نازارەت مەھكىمىسى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلىكتە قاتناشتى. بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇناسىپ ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر