- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: 2017-يىلى دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
2016.05.03 13:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دېدى: 2016-يىلى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە داۋالىنىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك داۋالىنىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش سىستېمىسى بىلەن تەدرىجىي ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان پېنسىيونېرلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2017-يىلغىچە، يۆتكەپ دىئاگنوز قويۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
نوپۇسنىڭ ئېقىشى، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق قىممىتىگە بولغان چۈشىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان رايونلاردىن ھالقىپ داۋالىنىدىغانلارنىڭ سانى ۋە نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان رايونلاردىن ھالقىپ راسچوت قىلىشقا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئاشتى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، 2009-يىلدىن بۇيان، داۋالىنىش ھەققىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇرغۇن ھۆججەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، جايلار سىياسەتنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى.
«ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئۇقۇشىچە، ھازىر، مەملىكەت بويىچە 30 ئۆلكە، شەھەر، ئۆلكە دائىرىسى ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىشنىڭ تورلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 27 ئۆلكە، شەھەر، ئۆلكە دائىرىسى ئىچىدە داۋالىنىش ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر