باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قوراللىق ساقچى قىسىم 1-مايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يېڭى بەلگە تاقاپ، يېڭى فورما كىيىدۇ

2016.05.03 13:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قوراللىق ساقچى قىسىم ئىشتات تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھەرقايسى ئەترەتلىرى 1-مايدىن باشلاپ بىر تۇتاش يېڭى بەلگە تاقاپ، يېڭى فورما كىيىدۇ.

  يېڭى ئىسىم كارتوچكىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، خەت شەكلى ئارمىيەنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇپ، تېگى ئەسلىدىكىگە ئوخشاش قېنىق يېشىل رەڭنى ساقلاپ قالغان. يېڭى ئىزناك مېتال ۋە كەشتىدىن ئىبارەت ئىككى نۇسخىدا توققۇز خىل ئىشلەنگەن بولۇپ، «قوراللىق ساقچى»، «بېيجىڭ»، «زاپاس قىسىم نومۇرى»، «ئالىي مەكتەپ»، «ساقچى تۈرى، قىسىم ئىسمى» قاتارلىق خەتلەر ئارقىلىق تەۋەلىكى پەرقلەندۈرۈلگەن، ئىزناكنىڭ ئوتتۇرىسى قالقان ۋە قوش مىلتىقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قوش مىلتىققا 56 تىپلىق يېرىم ئاپتوماتىك مىلتىق نۇسخىسى ئىشلىتىلىپ، ھەربىي ئىشلار خاراكتېرىگە ۋەكىللىك قىلىنغان، ئىككى تەرىپى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ دۆلەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان، قالقان قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئالاھىدە بەلگىسى بولۇپ، قالقان ئاستىغا زەيتۇن شېخى ماسلاشتۇرۇلۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىققا سىمۋول قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر