- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيادىكى تۇنجى تولۇق رەقەملىك ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى بارلىققا كەلدى
2016.05.03 13:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا، خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا كوللېكتىپى دۇنيادىكى تۇنجى ئادەم بەدىنى كلىنىكىلىق تولۇق رەقەملىك «پوزىترون ئېتىپ چىقىرىش ئۈزۈلمە قاتلاملىق سۈرەت ھاسىل قىلىش ئەسۋابى (قىسقارتىپ PET دېيىلىدۇ)» نى تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقىنى جاكارلىدى، تولۇق بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئادەم بەدىنى كلىنىكىلىق تولۇق رەقەملىك بۇ PET ئەسۋابىنىڭ بوشلۇقتا پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى قاتارلىق يادرولۇق كۆرسەتكۈچلىرى خەلقئارادىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ كىچىك ھەجىمدىكى راك كېسىلى ئوچىقىنى دەل جايىدا توغرا ئۆلچەپ، راك كېسەللىكىنى بايقاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈردى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ بۇ تۈرلۈك يۇقىرى داۋالاش ئەسۋابى ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
PET ئۇلترا ئاۋاز، CT ۋە يادرو ماگنىت رېزونانسىدىن كېيىنكى ھازىرقى زامان ئۆتكۈر تىببىي سۈرەت تېخنىكىسى بولۇپ، ئاساسلىقى راك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىق چوڭ كېسەللىكلەرگە دەل جايىدا توغرا دىئاگنوز قويۇش ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى ۋۇخەن فوتوئېلېكتر دۆلەت تەجرىبەخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شيې چىڭگونىڭ باشلامچىكلىقىدا بارلىققا كەلدى. ئادەم بەدىنى كلىنىكىلىق تولۇق رەقەملىك بۇ تۇنجى PET ئەسۋابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسىلىشى، ھازىرقى ئىمپورت قىلىنغان يۇقىرى قاتلاملىق داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ بازارلارنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇپ، كەسىپ دەرىجىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلقى بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر