باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەر 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

تېببىي ئېھتىياجدىن سىرت ھامىلىنىڭ جىنس پەرقىنى بېكىتىش چەكلىنىدۇ

2016.04.29 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تېببىي ئېھتىياجدىن سىرت ھامىلىنىڭ جىنس پەرقىنى بېكىتىپ ۋە تاللاپ، ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى» 2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ تېببىي ئېھتىياجدىن سىرت ھامىلىنىڭ جىنس پەرقىنى بېكىتىپ ۋە تاللاپ، ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىشى چەكلىنىدۇ.

  «تېببىي ئېھتىياجدىن سىرت ھامىلىنىڭ جىنس پەرقىنى بېكىتىپ ۋە تاللاپ، ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى» دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرىلىشىپ ماقۇللاندى ۋە دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى، ھازىر ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، 2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر