باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرى بىردىنبىر بەلگە قىلىنىدۇ

2016.04.27 18:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى ماۋزۇ: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «<ئىنتىرنېت تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى>نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇش، نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇش لايىھەسى»نى كۆچۈرۈپ تارقاتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت تەرققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم كومىتېتى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى قاتارلىق 10 تارماققا «<ئىنتىرنېت تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى>نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇش، نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇش لايىھەسى»نى (تۆۋەندە «لايىھە» دەپ قىسقارتىلىدۇ) كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، <ئىنتىرنېت تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى>نى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قولايلىق، تېز، ئادىل، نەپ يەتكۈزۈشچان، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش جەريانىدىكى «بېجىرىدىغان كىنىشكە كۆپ، ئىش بېجىرىش تەس بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يادرو قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋىي ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ، تارماقلار ئارا ئۇچۇردىن ھەمبەھىرلىنىش ۋە كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ھالقىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئامما يول مېڭىش»نى «ئۇچۇرلار مېڭىش»قا، «ئامما ھەر تەرەپكە قاتراش»نى «تارماقلار ماسلىشىپ بېجىرىش»كە، «پاسسىپ مۇلازىمەت قىلىش»نى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش»قا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  «لايىھە»دە ئۈچ تەرەپتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش لازىم. ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرىنى بىردىنبىر بەلگە قىلىش، ئاھالىلەرنىڭ شەخسلەر ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكە سۈرەت كاتالوگىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكە سۈرەت ئامبىرى قۇرۇپ، ئامما ئىش بېجىرگەندە «بىردىنبىر نومۇر» ئىلتىماس قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىردىنبىر نومۇر»نىڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن «پۈتۈن ئۆمرىنى خاتىرىلەپ، باشقۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  ئىككىنچى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش لازىم. بىرلىككە كەلگەن سان-سېفىر ھەمبەھىرلىنىپ ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى تايانچ قىلىپ، تور ئىچى-سىرتىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ «بىر كۆزنەكتە قۇبۇل قىلىپ، بىر سۇپىدا ھەمبەھىرلىنىپ، بىر بېكەتلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتىلا بېجىرىش، ئۆز شەھىرىدە بېجىرىش، باشقا جايدىمۇ بېجىرەلەيدىغان بولۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش. ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يالغۇز بۆلۈنگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، <ئىنتىرنېت تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى بىرلىككە كەلگەن سالاھىيەت بېكىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ توردا ئىش بېجىرگەندە «بىر قېتىم بېكىتىپ، كۆپ نۇقتىدا ئۆز-ئارا ئۇلاش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ يوللۇق مۇلازىمەتنى «بىر تور»دىلا بېجىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ شەخسلەشكەن توغرا يەتكۈزۈلۈشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىغا كۆپ يوللۇق، پەرقسىز، ھەممە كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپ جەريانلىق قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر