- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى خەلق ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىدىكى مۇداپىيە ماسكىسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىدۇ
2016.04.26 13:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كومىتېتى 25-ئاپرېل «كۈندىلىك مۇداپىيە تىپىدىكى ماسكىلارنىڭ تېخنىكىلىق قېلىپلاشتۇرمىسى» دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى خەلق ئىشلىتىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىدىكى مۇداپىيە ماسكىسى بولۇپ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلىدۇ.
ماسكىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم قېلىپلاشتۇرمىسى بولمىغانلىقتىن، ماسكا بازىرى ناھايىتى قالايمىقان ئىدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «كۈندىلىك مۇداپىيە تىپىدىكى ماسكىلارنىڭ تېخنىكىلىق قېلىپلاشتۇرمىسى» دۆلەت ئۆلچىمىدە كىچىك دانىچە ماددا (PM2.5)غا بولغان قوغدىنىش ئۈنۈمى ۋە تاقىغاندىكى بىخەتەرلىك ئۈنۈمىدىن ئېتىبارەن ئىككى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ بار.
دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى: ئىستېمالچىلار ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان ماسكىنى تاللاپ تاقىسا، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ كىرىدىغان ھاۋا سۈپىتىنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دېدى.
بۇ مەسئۇل كىشى يەنە، ئۆلچەمنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىنىڭ دۆلىتىمىزە خەلق ئىشلىتىدىغان قوغدىنىش ماسكا بازىرىدا تايىنىدىغان، تەكشۈرىدىغان ئۆلچەم يوق بولۇشتەك قالايمىقانچىلىق ئەھۋالنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، بازارنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇش، ئىستىمالنى مۇۋاپىق يېتەكلەشتە كاپالەتلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر