باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۆتكىلىپ داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا جايدا داۋالانغان بالنىست ھەققىنى بىۋاسىتە ھېسابلىشىش كېلەر يىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2016.04.25 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە 170 مىليون ئەتراپىدا كۆچمە نوپۇس «ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىش» قىيىنچىلىقىغا دائىم ئۇچرايدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: يۆتكىلىپ داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا جايدا داۋالانغان بالنىست ھەققىنى بىۋاسىتە ھېسابلىشىشنى كېلەر يىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «ئادەم بىلەن تەڭ مېڭىش» ساداسى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئۆلكە تەۋەسىدىكى بالنىست ھەققىنى ۋاقتىدا ھېسابلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىن قارىغاندا، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ئېھتىياجى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن %10ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ بىرىنچى، شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، باشقا جايدا داۋالىنىش مەسىلىسىنىڭ %60ى ھەل قىلىندى. ئىككىنچى ئۆلكە تەۋەسىدە باشقا جايدا داۋالىنىشنى ھەل قىلغاندا باشقا جايدا داۋالىنىش مەسىلىسىنىڭ %30ىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش. بۇ پەقەت %10نى ئىگەللىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەل قىلىش قىيىنچىلىقى ئەڭ چوڭ مەسىلە. ئەمما يەرلىك دوختۇرخانىلار ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەركەزلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى توپلاش مىقدارى ھەمدە دوختۇرخانىلار مۇلازىمەت ئىقتىدارى تەكشى بولمىغاچقا، جايلارنىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دورا تىزىملىكى ئوخشاش ئەمەس. خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يامىن مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ بىر ئاساسىي دورا تىزىملىكى بار، بۇنى ئۆلكە رايونلار ئازراق تەڭشىگەن، شۇڭا بەزى دورىلار بىزنىڭ ئۆلكىمىزدە ئۆز خىراجەت دائىرىسىدە، باشقا ئۆلكىلەردە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىدە. يەنە بىرى، ئاتچوت نىسبىتى مەسىلىسى، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاتچوت باشلىنىش چېكى ۋە ئاتچوت نىسبىتى ئوخشىمايدۇ. ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرى مەنپەئەتنى دەپ بىمارلارنى قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ، بۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەزمىسىدىكى يەنە بىر توساق. جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې ۋېنجيۇڭ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن جايلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پىشىڭى، يۆتكىلىپ داۋالىنىش رەسمىيىتىگە چەك قويۇش ۋە ئاتچوت نىسبىتى پەرقىدىن پايدىلىنىپ بىمارلارنى تۇتۇپ قالىدۇ. ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرى بىمارلارنىڭ باشقا جايلارغا، چوڭراق دوختۇرخانىلارغا بېرىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، بىمارلار كەتسە ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئازىيىپ كېتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەزمىسى توغرىسىدا پىلانى بار. لى جۇڭنىڭ 23-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، باشقا جايدا داۋالىنىش بالنىست ھەققىنى بىۋاسىتە ھېسابلىشىش كېلەر يىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. ھازىر ئالاقىدار سىياسەتلەر تەتقىق قىلىپ تۈزۈلمەكتىكەن.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، تېخنىكا ئۆلچىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى ھېسابلىشىش سەھنىسىنى دۆلەت قاتلىمىدىن قۇرىمىز. ئايلانما مەبلەغ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالىنىش تۈزۈمى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. 2017-يىلىغىچە، يۆتكىلىپ داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش بالنىست ھەققىنى بىۋاسىتە ھېسابلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر