- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بېكىتتى
ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئالدىراش
2016.04.11 14:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ماگىستىر-ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا كىرگۈزىدىغانلىقى، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا EMBA بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىنتىزامى، مۇۋاپىق باھا بېكىتىش، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئېنىق قائىدە بېكىتىپ، «تەربىيەلەش سىنىپى»، «يايلىتىپ ئوقۇتۇش» خاراكتېردىكى تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى چەكلەپ، «پۇل بىلەن ئۇنۋان سېتىۋېلىش»نى قاتتىق مەنئى قىلدى. بۇ ھەرىكەت ساھە ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. EMBAنى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ماگىستىر-ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈش بىلەن EMBA مەكتەپ ئېچىش سەۋىيەسى تەكشى بولماسلىق، «پۇل خەجلەپ ئۇنۋان سېتىۋېلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ بۇ 2016-يىللىق EMBA بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئەھۋال ئىگىلىدى.
بىر مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تۆت ئوقۇتقۇچى تىزىملىتىشقا سۈيلىدى
EMBAئادەتتە ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدا بارلىققا كەلگەن. دۆلىتىمىز 2002-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 32 ئالىي مەكتەپتە EMBA ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان، لېكىن ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرEMBAسىنىڭ يۇقىرى ئوقۇتۇش ھەققى، «يايلىتىپ ئوقۇتۇش» شەكلىدىكى باشقۇرۇشى ۋە «پۇلدارلار كۇلۇبى» بەس مۇنازىرە قوزغىدى.
مۇخبىر ئوقۇغۇچى سالاھىيىتى بىلەن EMBA ئوقۇتۇشى تەسىس قىلغان بىر نەچچە ئالىي مەكتەپتىن مەسلىھەت سوراپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقىغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن، سىنىپ كۆپەيتىش، ئوقۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلغانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا توختىماي تېلېفون ئۇرۇپ تېزراق تىزىملىتىشقا ئالدىراتقانلىقىنى ئىگىلىدى. بىر نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ تېلېفونى توختىماي سايراپ كەتتى. خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ EMBAسىغا تېلېفون ئۇرغان 10 مىنۇت ئىچىدە، شېنجېن سىنىپىغا مەسئۇل تۆت ئوقۇتقۇچى مۇخبىرغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئىمكانقەدەر تېزراق يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ، تىزىملىتىش ئىشلىرىنى بىكىتىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوقۇتقۇچىسى ئەتىسى ئىككى قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ، مۇخبىرنى ئۆزلىرىنىڭ سىنىپىغا تىزىملىتىشقا توختىماي دەۋەت قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر