باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئايروپىلان بېلىتى سېتىش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ

2016.02.24 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 23 - دېكابىر پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى « دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ترانسپورتى ئارقىلىق ۋاكالىتەن سېتىش رەسمىيەت ھەققى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش »نى تارقاتقان بولۇپ، ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرىنىڭ يولۇچىلاردىن بېلەت باھاسىدىن باشقا ھەرقانداق مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ ئېلىشى مەنئىي قىلىنغان، « ئۇقتۇرۇش » يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرىغا يولۇچى بېلىتى سېتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، يولۇچىلار رەسمىيەت ھەققى تۈپ باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى لازىم، رەسمىيەت ھەققى تۈپ باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ.ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىسىنىڭ يولۇچىلاردىن بېلەت باھاسىدىن باشقا ھەرقانداق مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ ئېلىشىغا، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىسى بەلگىلەپ ئېلان قىلغان بېلەت باھاسى ۋە تەتبىقلىنىش شەرتىنى يامان نىيەتتە ئۆزگەرتىپ، باغلاپ سېتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرىنىڭ باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارىتا، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى جەمئىيىتى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرى ۋە سېتىش ۋاكالەت كارخانىلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش رەسمىيەت ھەققى چىقىم قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ۋاكالىتەن سېتىش كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىدا بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ ئېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بازار باھاسى ۋە سېتىش تەرتىپىنى قوغداش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش تەلەپ قىلىندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر