- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كىلىمات ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ناچارراق بولىدۇ
2016.02.22 09:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۈچلۈك ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كىلىمات ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ناچارراق بولىدىكەن، ئاشقۇن ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى زورىيىدىكەن. يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلما تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۆۋەتتىكى كۈزلۈك تېرىم ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئاساسىنى پۇختىلاشنى تەلەپ قىلدى.
مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى يۈ شىنرۇڭ 19-فېۋرال ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتى ۋىدېيولۇق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىردى، يېزا ئىگىلىكى ئاشلىق مەھسۇلاتى يىلمۇ-يىل ئاشقان، دېھقانلار كىرىمى سىجىل كۆپەيگەندىن كېيىن دۇچكېلىدىغان ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ. يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشتا، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئاشلىقنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زور كۆلەمدە ئازىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاچقۇچلۇق جەڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشتە.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ يىل جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن تاماملىشى؛ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەرنى ئىنچىلىك بىلەن تەييارلاش، مايسىلارنى تۈجۈپىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، سېلىنغان ئۇرۇقلارنىڭ تولۇق مايسا تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇق سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېرىشقا ماس كېلىدىغان كۆلەمنى كېڭەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ماس كېلىدىغان سورتلارنى ياخشى تاللىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى بالدۇر قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر