باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈلۈپ بولدى، كۆپ جاي ئۆتكۈنچى مەزگىلنى 10 يىل قىلىپ بېكىتتى

2016.02.17 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، جايلاردىكى ئورگان كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى تولۇق تۈزۈلۈپ بولغان، چارىدە ئىسلاھ قىلىش دائىرىسى ۋە ھەق تۆلەش ئاساسىي سانى بېكىتىلگەندىن باشقا يەنە «ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى»نىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن ئوتتۇرا ياشتىكىلەرگە ئۆتكۈنچى كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، قىسمەن جايلار ئۆتكۈنچە مەزگىلدە كونا-يېڭى تەمىنات بويىچە سېلىشتۇرۇپ ھېسابلاپ تارقىتىپ «تۆۋەنگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرىنى چەكلەش»نى بېكىتكەن.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئورگان ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرىدىغان ئورۇن، مەمۇرىيەت، جامائەت پاراۋانلىقى 1-تۈر، 2-تۈردىكى كەسپىي ئورۇنلار ۋە شتات ئىچىدىكى ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. ئىش ئورنى ئۆز ئورنىدىكى ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خىزمەتچىلەرنىڭ شەخس ئۆزى تۆلەيدىغان مائاش ئاساسىي سان يىغىندىسىنىڭ ٪20 بويىچە، شەخس مائاش كىرىمىنىڭ ٪8 بويىچە پۇل تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەسپىي يىللىق پۇل تۈزۈمى ئورنىتىپ، شەخس ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇل تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنىڭ ٪4 بويىچە، ئىش ئورنى ٪8 بويىچە پۇل تاپشۇرىدۇ، ھەممىسى كەسپىي يىللىق پۇلنىڭ شەخسىي ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتى ئۆزگۈرەيدۇ، لېكىن ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ چاغقا بارغاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسىي ئىسچوتىدا بەلگىلىك پۇل يىغىلىدۇ، شۇنداقلا كۈتۈنۈش پۇلىمۇ تەمىناتنى تەڭشەش مېخانىزمىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە يىغىلىپ قالغان كەسپىي يىللىق پۇل قوشۇلىدۇ، بۇ بىر نەچچە تۈر قوشۇلغاندىن كېيىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇتلەق قىممىتى يەنە ئېشىشى مۇمكىن.

  ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، جايلار چارىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئۆتكۈنچى مەزگىلنى 10 يىل قىلىپ بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىلدە كونا-يېڭى تەمىنات بويىچە سېلىشتۇرۇپ ھېسابلاپ تارقىتىپ «تۆۋەنگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرىنى چەكلەش»نى بېكىتتى. مەسىلەن: بېيجىڭ شەھىرى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، يېڭى چارە بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىش تەمىناتى كونا چارىدىكى تەمىنات ئۆلچىمىدىن تۆۋەنلەرگە كونا چارە بويىچە تەمىنات ئۆلچىمى تارقىتىپ، تەمىناتنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىنى ساقلاشنى، يېڭى چارە بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىش تەمىناتى كونا چارىدىكى تەمىنات ئۆلچىمىدىن يۇقىرىلارنىڭ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى يىلغا ئايرىپ نىسبەت بويىچە چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر