- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش چارىسى»نى ئېلان قىلدى
2016.02.17 14:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش چارىسى»نى ئېلان قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
«ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش چارىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، 2020-يىلىغىچە دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك نامرات بولۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.
ئىككىنچى، بۇ چارە ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئۈچىنچى، باھالاش خىزمىتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەرگە قارىتا باھالاش كۆرسەتكۈچى بېكىتىپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە ئېتىبار بېرىدۇ؛ ئادىل بولۇشقا، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، باھالاش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ؛ نەتىجە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى ئېنىق ئايرىپ، توغرا رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىدۇ.
تۆتىنچى، باھالاش خىزمىتى 2016-يىلىدىن 2020-يىلغىچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى باھالاشقا تەشكىللەيدۇ، كونكرېت خىزمەتلەرنى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى باشلامچىلىق قىلىپ، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرگە ئېلىپ بارىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر