باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئىپادە بىلدۈرۈشتى

2016.02.03 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇش رايونى قۇرۇش يىغىنىدا ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرىغا بايراق بەرگەن ۋە بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، غەربى قىسىم ئۇرۇش رايونى، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇش يېڭى شىمالى چىقىشى بىلەن، ئۇرۇش رايونلۇق پارتكوملاردىن ئورگانلاردىكى ھەرقايسى ئىدارىلەرگىچە رەئىس بۇيرۇقىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى. كادىرلار ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش داۋامىدا، مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۇرۇش رايونى قۇرۇش يىغىنىدا بەرگەن بۇيرۇقنىڭ ئىچكى مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بۇ ئۇرۇش رايونىنىڭ بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئەمەل قىلىدىغان تۈپ قائىدە بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش بولۇپ قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش رايونى ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش، ئارمىيە خىللىرىنى ئاساسلىق قۇرۇش باش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قوماندانلىقىغا قەتئىي تەۋرەنمەستىن بويسۇنۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، بىرلەشمە ئۇرۇشقا يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىپ، ئەسكەرلەرنى يېتەكلەپ ئۇرۇش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، تىرىشىپ مۇتلەق سادىق بولغان، ئۇرۇشنى پىلانلاشقا ماھىر بولغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىدىغان، ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ۋە ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئورگىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، راكېتا، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسىمى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نوپۇسىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، تەشكىلىي ئاڭ، بۇيرۇق ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەدە بېكىتىلگەن ۋەزىپىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بويىچە، تەرەققىيات، قۇرۇلۇش قەدىمىمىزنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە 1-دەرىجىلىك قۇرۇلۇش نەتىجىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭغا لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر