باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2016.02.03 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنى 2-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەھبەرلىك قىلدى، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرى 66 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تارىخىدا تارىخىي يېڭى بەت ئاچتى. بۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر خەلقئارا تەسىرگە ئىگە. جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ تەيۋەن خىزمىتى فاڭجېنى ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاكتىپ ئىش قىلىپ، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەركەز بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2008-يىلىدىن بۇيان ئىككى قىرغاقتىكىلەر 92-يىلىدىكى ئورتاق قاراشتا چىڭ تۇرۇش، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارىشى تۇرۇش ئاساسىدا، ئىككى قىرغاق ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق تۈزۈمى رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەختىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىر توغرا يول ئىكەنلىكىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا راۋاجلىنىش يۆنىلىشىنى توسقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىز مەركەزنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ فاڭجېنىدا، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارىشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر