باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىستىل تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مۇھىم ئىشلار خاتىرىسى

2016.02.03 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىل

  [ۋەقە] ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 4-دېكابىر يىغىن ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاراپ چىقتى.

  [باھا] بۇ ئازغىنە 600 نەچچە خەتلىك سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 1-قول «ئوپېراتسىيە پىچىقى» دەپ ئاتىلىپ، «كىچىك ئىش» «چوڭ ۋەزىيەت»نى ئىلگىرى سۈردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تۈگۈنمۇ-تۈگۈن چىڭ تۇتۇپ، بايرامنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر تۈركۈم تىپىك دېلو مېساللىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۈچ يىلدا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 100 مىڭ دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىستىلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، خەلققە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇردى.

  [ۋەقە] مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-دېكابىر سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى چۈنچېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قولغا چۈشكەن تۇنجى «يولۋاس» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  [باھا] لى چۈنچېڭنىڭ قولغا چۈشۈشى بىلەن، مەركەزنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى «يولۋاسقا زەربە بېرىش» مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، مەسىلە يىپ ئۇچى مەركەزلىك ئەكس ئەتكەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ھازىر مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شۇنداقلا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدىغان رەھبىرىي كادىرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي كۈچنى ساقلاپ، ئۆزگەرمەس قەدەم بىلەن چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانچىنى بايقىسا شۇنچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر