باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن چۇ شېلىن دۆلەتكە قايتۇرۇلۇپ كېلىندى

2016.02.03 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 2-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ئاستىدا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن خادىملار ئىچىدىكى 79 – نومۇرلۇق جىنايەتچى چۇ شېلىن ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.چۇ شېلىن، ئەر، 1957–يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى چىڭداۋ ئەنخۇا ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى قوشۇمچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، بېيجىڭ ئەنخۇا شىنخۇي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ئەن خۇا ئەسىر كىنو فىلىم تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، خىيانەت قىلىش، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق، 2012-يىلى 7-ئايدا كاناداغا قېچىپ كەتكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر