باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 5-مارت، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

جۇڭگو، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ

2016.02.02 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 5-مارت، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى 1-فېۋرال، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فۇشىڭ يولىدىكى B 11-نومۇرغا جايلاشقان «مېيدىيا» مەركىزىدە خەۋەر مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. خەۋەر مەركىزى 27-فېۋرال خىزمەت باشلايدۇ.

  مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، ئىككى يىغىن خەۋەر مەركىزىنىڭ تور بېتىدە زىيارەت ئۇچۇرلىرى ۋە زىيارەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى خەۋەر مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.npc.gov.cn/pc/12_4، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى خەۋەر مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.cppcc.gov.cn.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر