- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىكى: قانۇنغا خىلاپ، مۇۋاپىق بولمىغان ئىسپاتلار ئومۇميۈزلۈك تازىلىنىدۇ
2016.01.25 13:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ج خ نازارىتى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدا، گۇلىن قاتارلىق جايلارنىڭ ساقچىخانىلارنىڭ ئىسپات بېجىرىشىنى رەتلەپ تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق ياخشى ئۇسۇللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرگە، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان، مۇۋاپىق ئەمەس ھەرخىل ئىسپاتلار ۋە ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، ئىسپات بىجىرىش تەس بولۇش، ئىش بىجىرىش تەس بولۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ج خ مىنىستىرلىكى مۇلازىمەت باسقۇچلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بىجىرىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىشتىكى 28 تۈرلۈك چارىنى ئېلان قىلىپ، كۆزنەك ئورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى. كېيىنكى قەدەمدە يەنە ساقچىخانىنىڭ ئىسپات چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە كونكېرت پىكىر ئېلان قىلىپ، ئايرىم ھالدا بىر تۈركۈمنى بىكار قىلىپ، بىر تۈركۈمنى قېلىپلاشتۇرىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر