- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىلى GDP 2014-يىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى
2016.01.20 15:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-يانۋار گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2015-يىللىق ماكرو ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 67 تىرىليون 670 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 2014-يىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان. پەسىللەر بويىچە قارىغاندا، 1-پەسىلدە 2014-يىلدىكىدىن %7، 2-پەسىلدە 2014-يىلدىكىدىن %7، 3-پەسىلدە 2014-يىلدىكىدىن %6.9، 4-پەسىلدە 2014-يىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان. كەسىپلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 6 تىرىليون 86 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %3.9؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 27 تىرىليون 427 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %6؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 34 تىرىليون 156 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: 2015-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى بولۇشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر