باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىكى بىر مەھكىمىنىڭ سابىق مەھكىمە باشلىقى ئەرز قىلىندى دېلوغا چېتىشلىق سومما 300 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى

2015.12.30 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن 1 - سوتتا دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى كۆمۈرچىلىك مەھكىمىسىنىڭ سابىق مەھكىمە باشلىقى ۋېي پېڭيۈەننىڭ پارا ئېلىش، نۇرغۇن مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىنى قاراپ چىقتى. ئەيىبلىگۈچى ئورگان ۋېي پېڭيۈەننى باشقىلاردىن پۇل-مال ئالغان،يەنە نۇرغۇن مال-مۈلىكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس دەپ ئەيىبلىدى. پارا ئالغان پۇل-مالنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 211مىليون700مىڭ يۈەن بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 131مىليون 90مىڭ يۈەنلىك مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان. ۋېي پېڭيۈەن سوتتا جىنايىتىنى تونۇدى ۋە ئېتىراپ قىلدى.

  باۋدىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ۋېي پېڭيۈەن دۆلەت تەرەققىيات - پىلان كومىتېتى ئۇل كەسىپ تەرەققىيات مەھكىمىسى كۆمۈر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كىرسىن باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى ئېنېرگىيە ئىدارىسى كۆمۈر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى كۆمۈر مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردە، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، كۆمۈر تۈرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، پايچىكلار ئۆزگەرتىش، بىخەتەرلىك بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشى،، ئۈسكۈننى سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، 103مىليون471مىڭ 500 يۈەن خەلق پۇلى، 7مىليون751 مىڭ ياۋرولۇق پۇل-مال خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 211مىليون 700مىڭ يۈەن قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 131مىليون 90مىڭ يۈەنلىك مال -مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر