- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى مېڭ شىنياڭ پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى
2015.12.23 15:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى مېڭ شىننىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى نۇرغۇن قىياسلارنى پەيدا قىلغانىدى. بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېما يىغىنىدا، مەكتەپ تەرەپ تۇنجى قېتىم مېڭ شىنياڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپ دېلوسىنى ئىچكىي جەھەتتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. مەكتەپتىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ دەلىللىشىچە، ئەسلىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى مىڭ شىنياڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتاچىرىكلىككە چېتىشلىق قاتارلىق‹‹ ئىقتىسادىي مەسىلىسى››بىلەن قوغلانغان، ھەمدە ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىكەن. مېڭ شىنياڭ مىللىي ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش ساھەسىدىكى داڭلىق زات بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئاز سانلىق مىللەت ناخشا- مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
ەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر