باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى

2015.12.23 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ بىر مۇدىر ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېت ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 34 كىشى ئىچى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق 10 ئۆلكە رايوندا 58 مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى... مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2015-يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 يىلدىن بۇيان 2-قېتىم مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى. مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 22-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭبا پىڭسونىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، گوۋۇيۈەن ۋە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايقىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «12-بەش يىل»دىن بۇيان، مەركەز خامچوتىدىن 145 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يەرلىكنىڭ جامائەت مۇلازىمەت شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى بولغان سەككىز ئۆلكە، رايونغا، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 80 مىليارد 760 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

  قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جايلار، تارماقلار مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم.» شياڭبا پىڭسو مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار تارماقلار مىللىي سىياسەت ۋە ئالاقىدار قانۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىسمەن مۇلازىمەت كۆزنەك ئورۇنلىرىنىڭ مىللىي سىياسەتكە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  http://paper.people.com.cn/rmrb/html/2015-12/23/nw.D110000renmrb_20151223_2-06.htm


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر