باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا مەركەزنىڭ ئىقتىسادخىزمىتىيىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى

تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.12.23 13:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاپتونوم رايون 22 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
   يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزى، لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ سۆزى ۋە خۇلاسە سۆزى ئەينەن يەتكۈزۈلدى.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ج ك پ 81 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم يىغىن. ج ك پ 81 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى ھەم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئىچكى - تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر تۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشقاچقا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنى ئوڭۇشلۇق باشلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېڭى نورمال ھالەتكە بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسەن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش» ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونا مەنتىقە ۋە كونا ئۇسۇل - چارىلەرنى قوللىنىپ يۇقىرى ئېشىشنى تەكرارلايدىغان خىيالدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىش كېرەك. يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىشتا چاقماقتەك تېز بولۇش، ساقلاپ تۇرماسلىق، قاراپ تۇرماسلىق كېرەك.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە باشتىن - ئاخىر تىلغا ئېلىنغان مۇھىم مەزمۇن. تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى زور ئىجادىيەت، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى تەشەببۇسكار تاللاش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۈنۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەپەككۈر، ئومۇمىي تەلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر، ئىقتىسادىي كۆزلىمە نىشاننى ياخشى ئىگىلەپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات توغرىسىدىكى بەش سىياسەتنى كۈچەيتىش: ماكرو سىياسەت مۇقىم، كەسىپ سىياسىتى توغرا، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ماللارنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنى ئازايتىش، پىشاڭغا تايىنىۋالماسلىق، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئاجىزلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بەش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش؛ دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە - باج تۈزۈلمىسى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈلمىسى قاتارلىق مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە يېڭى بوشلۇق ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەت سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە يات بولۇپ، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملەشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، مەركەز ۋە جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىش، بولۇپمۇ كارخانىچىلار، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى 13 - بەش يىلللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل بولۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر يىل ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى بەك ئېغىر. شۇڭا جايلار ۋە تارماقلار نۆۋەتتىكى ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق كەسپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوغدىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يېڭى يىل ۋە چاغان كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا بازارلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ۋە ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
   شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، قانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بۆلۈم، كومىتېت،ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر