باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %6.8 گە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە

2015.12.18 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق بانكىسى 16-دېكابىر ئېلان قىلغان 2016-يىللىق جۇڭگونىڭ ماكرو ئىقتىساد مۆلچەرىدە مۇنداق دېيىلدى: كۈچلۈك مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى ساقلاش تەسەۋۋۇرى ئالدىنقى شەرتىدە ،2015-يىلدىكى ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %6.9 گە يېتىدىكەن؛ 2016-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا بۇ سان %6.8 گە يېتىدىكەن. بۇ يىل ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش ئۆلچىمى %1.5 بولىدىكەن ، 2016-يىلى %1.7 گە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۇندىن باشقا خەلق بانكىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2016-يىلى ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2.3 ئۆرلەيدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى %14.8 تۆۋەنلەش مۇمكىنچىلىكى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدىكەن. بۇ ئاساسلىقى خەلقئارادىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋار باھاسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن مۇقىملىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىي ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، ھەر قايسى ئاساسلىقى ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىي يېڭى تۇراقلىق ھالەتنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقىدا تۇرماقتا. ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئاساسلىق مۇقىملىقنى ساقلىدى. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىۋاتقان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئالدىدا 2015-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى %7 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن، ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر