- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
11-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 4833 مەسىلە تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىندى
2015.12.18 09:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 17-دېكابىر ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 4833 مەسىلە، 6565 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان؛ 5037 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن تۆتى بار ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما پۇل ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، 1091 گە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا بۇيۇم ۋە پۇل ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئېچىش قىلمىشلىرى بار ئىكەن. خادىملارنىڭ دەرىجىسىدىن قارىغاندا، تۆت مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلگەن.
مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 66 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 111 مەركەز كارخانىسى،15 مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئايدا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر