- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئۇقۇم خەرىتىسى»دىن «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گىچە
−− ئېلىمىزنىڭ «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىتنى ئىدارە قىلىش يېڭى كۆرۈنۈشى ھەققىدە يەشمە
2015.12.16 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇششاق دانچە ماددا قاتارلىقلارنى مۇھىت سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈش؛ يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات فوندى قۇرۇش؛ 2020-يىلغىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاش..... «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى نىشان، يېڭى ئىدىيەلەر، ئېلىمىزنىڭ «13-بەش يىللىق» مۇھىتنى ئىدارە قىلىش يېڭى كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلىپ بەردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» قاتارلىق يۇقىرى قاتلام لايىھەلىرىنى «ئۇقۇم خەرىتىسى»دىن «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گە ئۆزگەرتتى، ئېلىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى چوقۇم زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭجياڭ مۇنداق دېدى: تۇمانلىق ھاۋا رايىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ، ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ بەك كۆپ بولۇشى، قىسمەن ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارى 20 مىليون توننېرغا يېتىپ، يىلدا ئاران نەچچە پىرسەنت پوئىنتلا ئازلاپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە يېتىشكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇمان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇلغىمىلاردىن گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدىدىن باشقا يەنە دانچە ماددا، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا، ئاممىياك قاتارلىقلار بار.
شۇڭا، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپلەردە بۇلغىمىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «11-بەش يىل» مەزگىلىدە پەقەت ئىككى خىل بۇلغىما ئومۇمىي مىقدار بويىچە كونترول قىلىناتتى، «12-بەش يىل» مەزگىلىدە ئومۇمىي مىقدار بويىچە كونترول قىلىنىدىغان بۇلغىمىلار ئاممىياك گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدى، خىمىيىلىك ئوكسىگېن ئېھتىياج مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت قاتارلىق تۆتكە يەتتى، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە بۇ ئاساستا يەنە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىسىنىمۇ كونترول قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يەنە 2.5 PMقاتارلىق مۇھىت سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش مۇقىملاشتۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر