- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2016-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
2015.12.11 14:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 10-دېكابىر 2016-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.
گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بويىچە، 2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:
يېڭى يىلدا، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
چاغان: 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى (شەنبە)، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
چوكانتال بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
تاڭزۇڭزا بايرىمى: 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
تاۋۇز چاغىنى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە)، 9-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر