- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىللىق ئاسىيا كىنو كۆرگەزمىسى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى
2015.12.10 16:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يىللىق ئاسىيا كىنو كۆرگەزمىسى 8-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كىنوچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان جۇڭگونىڭ چوڭ ئېكرانلىق، لازېر نۇرلۇق كىنو ئاپپاراتى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، خەلقئارادىكى خېرىدارلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دېدى: تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە قوللىشىنىڭ تۈرتكىسى، بولۇپمۇ كىنو قويۇش لېنتا بىلەن قويۇشتىن رەقەملىشىشكە قاراپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ مىللىي كىنو سانائىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگونىڭ مىللىي كىنو سانائىتىدە ھازىر بىر يۈرۈش مەھسۇلات سىستېمىسى شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ چوڭ ئېكرانى-كىنو سانائىتى بىلەن يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، چەتئەللەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىشىۋالغان، بىر قىسىم جەھەتلەردە ھەتتا ئازراق ھالقىغان. جۇڭگونىڭ مىللىي كىنو سانائىتى چەتئەللەرگە چىققان، جۇڭگونىڭ چوڭ ئېكرانى ئىشلىتىلگەن چەتئەللەردىكى تۇنجى كىنوخانا بۇ يىل ئامېرىكىدا ئېچىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىنونى رەقەملىك قويۇش دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ كىنو ئىستېمال بازىرى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو كىنوخانىلىرىدىكى ئېكرانلارنىڭ سانى ئىككى مىڭ نەچچىدىن تېز ئېشىپ 30 مىڭغا يەتكەن، بېلەت كىرىمى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، ھەر يىلى %30 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان، بېلەت كىرىمى بازىرىنىڭ يەر شارىدىكى 1-چوڭ بازار ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى كىچىكلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر