باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى بىر ئىدارىنىڭ بىرمۇنچە خىزمەتچىسى چولپاننى كۆرۈش ئۈچۈن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مۇدىرىغا چارە كۆرۈلدى

2015.12.03 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۈگۈن بېيجىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىدە 3 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، چاۋياڭ رايونى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ نەچچە نەپەر خادىمى چولپان ۋاڭ × بۇ مەركەزگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەندە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلغان، خىزمەت رايونىدا چۆرىدەپ تۇرۇپ، رەسىمگە تارتىپ، ئىمزا قويغۇزۇپ، نورمال خىزمەت تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ شۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى فەن مىڭرۈيغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  يېقىندا، بېيجىڭ شەھرى چاۋياڭ رايونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان « ئەمەلدارلار تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق»، « ئەمەلدار قالايمىقان ئىش قىلىش»قا ئاىت 3 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان. 7 نەپەر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزاسىغا ئىنتىزام بويىچە جازا بېرىلگەن. بۇ قېىتم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 3دېلونىڭ قالغان ئىككى تۆۋەندىكىچە: − چاۋياڭ رايونى مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى مېڭسەي، چاۋياڭ رايونى ئەنجېن كوچا مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما گۇاڭرەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر