باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى داچۇەن سوتتا جىنايىتىنى تونۇدى

1 مىليون 500 مىڭ يۈەن پارا ئالدى دەپ ئەرز قىلىندى سوتتا ئۆي سېتىۋېلىشقا پۇل كەملىگنلىكىنى ئېيتتى

2015.12.02 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتى بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ سابىق مۇدىر، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى داچۇەن، 2004- يىلى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بازار تىجارەت بۆلۈمى سېتىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان مەزگىلىدە، بىر ئېلان شىركىتىنىڭ خېرىدار بولۇشىغا ياردەم بېرىپ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن نەپ ئالغان دەپ ئەرز قىلىندى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، پارا يېيىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان لى داچۇەن چاۋياڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى، ئۇ جىنايىتىنى تونۇدى.

  لى داچۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، ھارام پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپى ئۇنى دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالغان، ۋە سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان، شۇڭا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك دەپ قارىغان.لى داچۇەن ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، 60 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئازراق نەپ يەتكۈزگىسى بارلىقىنى، شۇ سەۋەب بىلەن پۇل سورىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر